7 ـ ئاينىڭ 3ـ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ چىڭخۇا داشۆسىدە 13 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا تىنچلىق مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرماقتا، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ.
خەن جېڭ تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، تارىخنى ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى ئاساس قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئورتاق مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش. ئۆزئارا تايىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقى ھەم ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش خەلقئارا مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تۆتىنچى، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىش. ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلقئارا قارالمىدا مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات باراۋەر بولماسلىق، تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك.
ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جيۇشەن يوجىفۇ، بېلگىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى فەنلۇڭپېي قاتارلىق چەت ئەللەرنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئالىملار قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 400 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.