شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 7-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رىيودې ژانېيرودا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 2-ۋە 3-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىك، سۈنئىي ئەقىل، مۇھىت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى، دۇنياۋى سەھىيە قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. بۇ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە ھەمراھ دۆلەتلەر، مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 7-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رىيودې ژانېيرودا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 2-ۋە 3-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىك، سۈنئىي ئەقىل، مۇھىت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى، دۇنياۋى سەھىيە قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە ھەمراھ دۆلەتلەر، مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىنلاشتى. «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى» قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يارشارىنىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك. يەككە تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوغداپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى جۇڭگو ھەمكارلىق مەركىزىنى قۇردى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق تورى قۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككىنچىدىن، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىنى قوللايدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. دۇنيا بانكىسىنىڭ پاي ھوقۇقىغا قاراپ چىقىش ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكى ئۈلۈشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك. رەقەم، يېشىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليونلىغان ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇنى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدىغان قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى رامكىسىدا «رەقەملىك جەنۇب» ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا جەنۇب دۆلەتلىرى ئۈچۈن 200 قارار رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل بويىچە تەربىيەلەش تۈرى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.
لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يەر شارى كىلىماتى، مۇھىت ۋە سەھىيە ساھەسىدىكى ئېنىقسىزلىق خەۋپ-خەتىرى ئېشىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پائال، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئورتاق خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تېخىمۇ كۆپ بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە «پارىژ كېلىشىمى»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىنى قوغداپ، پاكىز ئېنېرگىيە، كاربون بازىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەشنى تەشەببۇس قىلىپ، «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى»نى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا سەھىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا ماسلاشتۇرۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋاكسىنا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تېخىمۇ يېشىل، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۇنياۋى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يىغىندا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىلنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى باياناتى»، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ كىلىمات مەبلىغى رامكا خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.