«شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025.07.08 16:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلىنىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى شەكىللەندى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان، دوكلات، سۆز، نۇتۇق، يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق قاتارلىق جەمئىي 79 پارچە ئەسەر بار. بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

«شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ