مۇخبىرنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالدىنقى ھەپتىدە ئۇچرىغان تور ھۇجۇمىدا 5 مىليون 700 مىڭ ئابۇنىچىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 4 مىليون ئابۇنىچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە دائىم ئۇچىدىغان مېھمانلىرىنىڭ نومۇرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا 1 مىليون 700 مىڭ ئابۇنىچىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرېسى، تۇغۇلغان كۈنى، تېلېفون نومۇرى، جىنسى ۋە يېمەك-ئىچمەك مايىللىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلىنىپ كەتكەن.
ئاۋسترالىيە ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋانىسا خادسون مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەسىرگە ئۇچرىغان ئابۇنىچىلارغا تەدرىجىي ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاپ، ئۇلارغا تەسىرگە ئۇچرىغان شەخسىي سانلىق مەلۇمات تۈرىنى ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە تەكلىپ ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاۋسترالىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئابۇنىچىلىرى بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، ئاۋسترالىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلارنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتىنى قوغداشقا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىدى، دەپ قارىدى.