مۇھىم خەۋەرلەر

فىرانسىيە بالىلارنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئورنىدا نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئېكران بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلىدى

2025.07.04 14:39 مەنبە: خەلق تورى

فىرانسىيە ئەمگەك، سەھىيە، ئىتتىپاقلىق ۋە ئائىلە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ھۆكۈمەت تورىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بالىلارنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئورنىدا نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئېكران بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش مەقسەت قىلىنىدۇ.

بۇ مىنىستىرلىقنىڭ ئورگان تور ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: نۇرغۇن تەتقىقات ئاگاھلاندۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: ئېكران بىلەن بەك بالدۇر ئۇچراشقاندا ئۇيقۇ توسالغۇسى، كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسى، بىلىش ۋە ھېسسىيات يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئازىيىش قاتارلىق نۇرغۇن خەۋپ-خەتەرلەر مەۋجۇت بولىدۇ. بولۇپمۇ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى 1000 كۈندە، يەنى ئۇلار يېتىلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە خەۋپ-خەتەر تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ