شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش − يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالغا سىلجىتىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى: «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرنى ئېچىۋېتىش»، يەنى بازار ئاساسىي تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بازار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئامىل بايلىقى بازىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا دىققەتنى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تۆۋەن باھادا تەرتىپسىز رىقابەتلىشىشىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تۈزەپ، كارخانىلارنى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك چېكىندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنىڭ ئادىللىقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يەرلىكنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىچكى - تاشقى سودىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى ئىچكى قىسىمدا سېتىشقا ئۆزگەرتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىچكى - تاشقى سودا ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، بازارنىڭ بىرلىكىگە پايدىلىق مالىيە - باج تۈزۈلمىسى، ئىستاتىستىكا - ھېسابات قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىناۋەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، كەسىپلەرنى يېڭىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئادەم بىلەن دېڭىزنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان كەسپىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يىراق ئوكياندا زامانىۋى بېلىق تۇتۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان بىيوتېببىي دورىلىرى، بىيوياسالمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان خاس مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىپ، دېڭىز تىرانسپورتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دېڭىز قولتۇقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز بويىدىكى پورت توپىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دېڭىز تەۋەسىدىن قاتلاملارغا بۆلۈپ ئىستېرېئولۇق پايدىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىز - ئوكياندىن كاربون يىغىشنى ھېسابلاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. دۇنياۋى دېڭىز - ئوكياننى تۈزەشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۇنياۋى دېڭىز - ئوكيان پەن تەتقىقاتى، تەكشۈرۈش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، كۆك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.