مۇھىم خەۋەرلەر

ياپونىيە 120 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق 6-ئاينى باشتىن كەچۈردى

2025.07.03 14:33 مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنداق دېدى: ياپونىيە تاقىم ئاراللىرى ئاسمىنىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ئىللىق ھاۋا ۋە يەر شارى ئىللىپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ دۆلەت 1898-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق 6-ئاينى باشتىن كەچۈرگەن.

ياپونىيە تاراتقۇلىرى مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر قىلدى: 6-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا سېلىشتۇرما ئۆلچەملىك قىممىتى (1991-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان 30 يىلنىڭ 6-ئايدىكى ئوتتۇرىچە قىممىتى) 2.34 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇپ، 2020-يىلى يارىتىلغان رېكورتتىن ئېشىپ كەتكەن، ئەينى چاغدىكى تېمپېراتۇرا سېلىشتۇرما قىممىتى 1.43 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان.

ياپونىيەدىكى نۇرغۇن جايلاردا 6-ئايدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، توكيو شەھەر مەركىزىنىڭ 6-ئايدا 13 كۈنلۈك تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن 2.8 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ