مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

2025.01.03 14:09 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا نيۇيوركتىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبنىڭ سىرتىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 ئادەم يارىلاندى

ئامېرىكا «نيۇيورك پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇيوركنىڭ خانىش رايونىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇب ئالدىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەۋەردە نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 23 تىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە يۈزبەرگەن، يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، نۆۋەتتە ھېچكىمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ