رۇسىيە غەربىي سىبىرىيە قاتناش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 لەردە، سىبىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ موسكۋادىن نورىلسكىغا قاراپ ئۇچقان كۇڭكې A 321 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى نورىلسك ئايرودۇرۇمىغا قونغاندا ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يولۇچىلار ئايروپىلانى قونغاندىن كېيىن ئايلانغاندا ئۇچۇش يولىدىن سىيرىلىپ چىقىپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا جەمئىي 79 يولۇچى بار بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە كونكىرت ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلمەكتە. ھازىر ۋەقەگە چېتىشلىق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى ۋاقتىنچە توختىتىلدى.