مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 45 ئادەم ئولتۇرغان بىر ساياھەت پاراخوتى ئالېم پورتى ئەتراپىدىكى قىزىل دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ساياھەت پاراخوتىغا 14 پاراخوت خادىمىدىن باشقا، يەنە 31 نەپەر ئوخشاش بولمىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ساياھەتچى ئولتۇرغان. ئالاقىدار تارماقلار تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدەش خىزمىتى يەنىلا ئېلىپ بېرىلماقتا. ھازىرغا قەدەر، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقەدە ئۆلگەن-يارىلانغانلار سانىنى تېخى ئېلان قىلمىدى.