ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم پېرۇ، بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2024.11.25 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم پېرۇ، بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.

كاسابلانكادا تېخنىكىلىق توختاپ ئايرىلىدىغان چاغدا، ماراكەش باش ۋەزىرى ئەخنۇش قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ