جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ليۇكسېمبۇرگنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى بېتېل بىلەن كۆرۈشتى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ليۇكسېمبۇرگ چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ليۇكسېمبۇرگ رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.جۇڭگو تەرەپ ليۇكسېمبۇرگتەرەپ بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا قوللايدىغان ياخشى دوستلاردىن، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، «ھاۋا يىپەك يولى»، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو-ليۇكسېمبۇرگ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت ۋە مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
بېتېل مۇنداق بىلدۈردى: ليۇكسېمبۇرگتەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.