12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

 ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2024.11.25 15:32 مەنبە: خەلق تورى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى خەينەننىڭ سەنيادا داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كومممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

نەنخەي دېڭىزى بويىدا كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلدى. سەنيا شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە 56 مىللەت خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولدى. جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭراتتى. سائەت 20 دە، باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە نەق مەيداندىكى 35 مىڭ تاماشىبىن دۆلەت بايرىقى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ مەيدانغا كىرىشىنى كۈتۈۋالدى. مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يىغىن بايرىقى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىردى، ئارقىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە تەيۋەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىن مەيدانىغا كىردى.ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 30 سىكونت توختاپ ماھارەت كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدىدى.

سائەت 21 دە، ۋاڭ خۇنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى دەپ جاكارلىدى.

ئارقىدىن، «جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى، بىر نىيەتتە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى سەپىرى» باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە كۆرىكى باشلاندى. كۆرەك «ھەممىمىز تومۇرداش»، «جۇڭخۇا بىر گەۋدە»، «بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش» تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولۇش، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتەك ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى نامايان قىلىندى. ئويۇن «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» ناملىق ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى، ھەر مىللەت خەلقى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ۋاڭ خۇنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، خەينەن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرغۇچىلاردىن بولۇش؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن يۆ ئېچىلىش سۆزى قىلدى، خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فېڭ فېي قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گاۋ جىدەن باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توققۇز كۈن داۋاملىشىدۇ، ھەر مىللەتتىن بولغان 6960 تەنھەرىكەتچى 18 مۇسابىقە تۈرى ۋە 170 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ