شى جىنپىڭ ماراكەش تەخت ۋارىسى ھەسەن بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.25 15:30 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىش سەپىرىدە كاسابلانكادا تېخنىكىلىق توختىدى.

ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد − 6نىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ماراكەش تەخت ۋارىسى ھەسەن، باش ۋەزىر ئەخنۇش ئالايىتەن ئايروپورتقا چىقىپ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى ھەم ئايروپورتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تەخت ۋارىسى ھەسەن بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، لۇ جيافېي) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىش سەپىرىدە كاسابلانكادا تېخنىكىلىق توختىدى.

ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد − 6نىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ماراكەش تەخت ۋارىسى ھەسەن، باش ۋەزىر ئەخنۇش ئالايىتەن ئايروپورتقا بېرىپ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى ھەم ئايروپورتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ تەخت ۋارىسى ھەسەن بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

شى جىنپىڭ تەخت ۋارىسى ھەسەنگە پادىشاھ مۇھەممەد − 6گە بولغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ماراكەش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى جانلاندى. 2016 - يىلى، پادىشاھ مۇھەممەد − 6 جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو - ماراكەش مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو تەرەپ ماراكەشنىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ماراكەش تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ماراكەش تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو - ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ھەسەن پادىشاھ مۇھەممەد − 6نىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى ۋە ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ماراكەش - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە ماراكەش تەرەپكە بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ماراكەش خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ماراكەش خان جەمەتى ۋە ھۆكۈمىتى ماراكەش - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتى ماراكەش خەلقىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماراكەش بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ماراكەش تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ