شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

2024.11.22 16:12 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا ئۆتكۈزگەن كاتتا قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، زۇڭتۇڭ لۇلا ۋە بىرازىلىيە خەلقىنىڭ قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بىرازىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ رەھبەرلىكىدە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دېڭىز ـ ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ ئەزەلدىن بىر ـ بىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسى ھەم روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەم بىر ـ بىرى بىلەن ئىناق ئارىلىشىپ ئۆتىدۇ. ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىش بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىنتىلىشى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدۇق ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرىدىغان ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇن بېغىشلاندى، چەكسىز ھاياتىي كۈچ ۋە كەڭ ئىستىقبال نامايان قىلىندى. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىز جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىزنىڭ جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئىشەنچىمىز بار. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 50 يىل»ىنى باشلاشنى خالايدۇ.

لۇلا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن مەن شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئىككى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ رەھبىرى. بىز بىردەك خەلقنىڭ دەردىنى چوڭقۇر بىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردۇق. بىرازىلىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ 100 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا يۈكسەك قايىل. رەئىس شى جىنپىڭ خەلققە بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى كۆزلەپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، ئۇرۇش قىلىشنى ئەمەس، بەلكى تىنچلىقنى، قارشىلىشىشنى ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىشىشنى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئەمەس، بەلكى ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياغا ئۈلگە بولدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بىرازىلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ـ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ، دۇنياغا بىزنىڭ ئۆز يولىمىز ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت بىردەك كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، تالاش ـ تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ مۇھىم ھەم چوڭقۇر دۇنياۋى تەسىر شەكىللەندۈرىدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرازىلىيە ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ