شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.22 16:11 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن بىرازىلىيەدىكى زۇڭتۇڭ سارىيىنىڭ لىمىڭ سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن بىرازىلىيەدىكى زۇڭتۇڭ سارىيىنىڭ لىمىڭ سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ مېنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ بۇ «مېھىر ـ مۇھەببەت ۋە ئۈمىدكە تولغان زېمىن»غا يەنە بىر قېتىم قەدەم بېسىشىم. يولغا چىقىش ئالدىدا، مەن بىرازىلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلاردىن كەلگەن نۇرغۇن خەتنى تاپشۇرۇۋالدىم، خەتتە بىرازىلىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو ـ بىرازىلىيە دوستلۇقىنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۈمىدى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. بايا زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن سەمىمىي، دوستانە، مول نەتىجىلىك سۆھبەتلەشتىم. بىز جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، بىردەك مۇنداق قارىدۇق: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، يەرشارى خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك تەسىرى كۈنسېرى نامايان بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشى، ئىتتىپاقلىشىشى ـ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

بىز جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى، بىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق قارار قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇردۇق. دۇنيا ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەدىن ئىبارەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ جەزمەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەنە بىر «ئالتۇن 50 يىل»نى باشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات مەنپەئىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان يادرولۇق مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئىككى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلىش، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىساد ـ سودا، پۇل مۇئامىلە، پەن ـ تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىت قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل قېزىلما بايلىق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن غەيرەت بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىق، رايون توقۇنۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى رەسمىي يۈرۈشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى، جۇڭگو بىرازىلىيە ھەم باشقا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيا تىنچ ئەمەس، يەنە نۇرغۇن رايوندا ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ، داۋالغۇش بولۇۋاتىدۇ. ئىنسانلار ئايرىلماس خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى، پەقەت ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان يولنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە بىرلىشىپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا «ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش»نى ئېلان قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنا كىرىزىسى بويىچە «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسى قۇردى. بىز تىنچلىق ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان تېخىمۇ كۆپ سادانى مۇجەسسەملەپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىشىمىز كېرەك. بىز غەززە توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز، ئۇرۇش توختىتىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورنىتىش ئەنئەنىسى ۋە مەسئۇلىيىتى بار، جۇڭگو بىرازىلىيە بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىي قىلىش، نامراتلىشىپ كەتمەسلىك، ھەمكارلىشىش، قارشىلاشماسلىق، ئادىل بولۇش، زومىگەرلىك قىلماسلىقتىن ئىبارەت يېڭى دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئورتاق ياڭرىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

لۇلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن قىممەت ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئورتاق مەنپەئىتى كەڭ، دوستلۇقى چوڭقۇر ۋە مۇستەھكەم، بىرازىلىيە ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە. جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ۋە سېلىنما ھەمراھى، جۇڭگو كارخانىلىرى بىرازىلىيەدە بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان بىرازىلىيە ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق ھەم بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردىكى مەيدانى يۈكسەك بىردەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرازىلىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ھەم «ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەرشارى ئىتتىپاقى»غا باشلامچىلىق بىلەن قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، دېموكراتىك، باراۋەر ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەلقئارا سىستېما بەرپا قىلىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تىنچ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىرازىلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ