20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىرازىلىيەدىن ئايرىلدى

2024.11.22 16:12 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلىتىمىزگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

بىرازىلىيەدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، بىرازىلىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى فاۋارو، قېزىلما بايلىق ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سىلۋېرا، پورت ۋە ئايروپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كوستا ۋە بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ سىلىڭى مىگۇل قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، خۇاچياۋ ـ خۇارېنلار، جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلار، بىرازىلىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا «ياشىسۇن دوستلۇق» دەپ توۋلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا ئايرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ