مۇھىم خەۋەرلەر

ھوشيار بولۇڭلار! بۇ خىل بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل توختىتىش دورىسىنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بولۇشى مۇمكىن، نەچچە مىليون ئادەم سېتىۋالغان!

2024.08.14 14:47 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋولمارت قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلغان رېتسېپسىز بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل توختىتىش دورىسى Mucinex نىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بېنزول بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكىدا ھەممىگە تونۇشلۇق داڭلىق ماركا بولغان Mucinex ئىزچىل بازاردا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل توختىتىش دورىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ دورا سۈپەتلىك ماركىلىق دورا ۋە تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدىغان ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان دورا دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىكەن. گەرچە ئىككىسىنىڭ دورا ئۈنۈمى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئاكتىپسىز تەركىبلەردە بېنزول بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەممىباب دورا ئامېرىكىدىكى زەنجىرسىمان دورا دۇكىنىCVS ھەمدە ۋولمارت، تارگىت ۋە ۋولگېرىن قاتارلىق چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان دۇكانلاردا كەڭ كۆلەمدە سېتىلغان، بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئورگان سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، نەچچە مىليون ئىستېمالچى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئەھۋالدا تەركىبىدە بېنزول بولغان دورىلارنى سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. بېنزول بىر خىل مەلۇم بولغان كۈچلۈك ئۈنۈملۈك راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بولۇپ، قان راكى (مەسىلەن، ئاق قان كېسىلى ۋە لىمفا ئۆسمىسى) نىڭ قوزغىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ