جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپى نادىر ئەسىرى» ۋە «بادەنجىلىن قۇملۇقى − قۇمتاغ، كۆللەر توپى»، «جۇڭگو خۇاڭخەي (بوخەي) پەسىل قۇشلىرى ماكانى (2 ـ قارار)» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، بۇ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۆزئارا ماسلاشقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىغا گۈزەل تۈس قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىق قوغدىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك. مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نۇر چاچقۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يېقىندا، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 46 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن تۈر «بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپى نادىر ئەسىرى» ۋە دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن تۈر «بادەنجىلىن قۇملۇقى − قۇمتاغ، كۆللەر توپى»، «جۇڭگو خۇاڭخەي (بوخەي) پەسىل قۇشلىرى ماكانى (2 ـ قارار)» «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرى ئومۇمىي سانى 59 تۈرگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.