شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 16 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، مۇستەھكەم بولغان زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش كېرەك

2024.08.01 15:45 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 16 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى ئىگىلەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، مۇستەھكەم بولغان زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى 1 ـ ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى ـ زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى!

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسىدىكى يولداش خۇاڭ جىجۇڭ زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھاكىمە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇھاكىمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم دەرۋازىسى، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، پارتىيەمىز ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىگە رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كۈچ قۇرۇلمىسى، سىياسەت ـ تۈزۈمى قاتارلىق بىر قاتار زور ئىسلاھاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىگە دائىر بىر قاتار زور ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىپ ۋە ئۇنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ـ ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قەتئىي قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەشەببۇسكارلىقىنى قوغدىدى. دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار تېخىمۇ چىگىش، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئومۇمىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا بويى، دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەم خەۋپسىزلىكنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان، ھەم تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولىدىغان چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى يېڭىچە ۋاسىتە ۋە شارائىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ ئىستېرېئولۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى ئەتراپ مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، بېكىتىلگەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، كېيىنكى ئىسلاھاتنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈرۈشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى رەھبەرلىك ـ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئارمىيە ـ يەرلىك ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى كۆپ تارماق، كۆپ قاتلام دەرىجىلىككە چېتىلىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىدا ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ۋەزىپىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە، ساقچى، خەلق بىرلەشمە مۇداپىئەسىگە قوماندانلىق قىلىشنى ۋە ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر تاختا شاھمات شەكىللەندۈرۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش كېرەك. ئارمىيە پائال، تەشەببۇسكار ھالدا يەرلىك بىلەن ياخشى ئالاقىلىشىشى ۋە ماسلىشىشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇستەھكەملەشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى كەم ـ كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ