8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۇلىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 ـ قۇرۇلتاي قارارىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنامدىكى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، 14 ـ قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقى، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.
جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت. بۇلتۇر 12 ـ ئايدا، مەن ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسى، يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدۇق. مەن يولداش باش شۇجى سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
سىزنىڭ ئالىي خىزمەت ئورنىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!