جاۋاب خەت
باۋ پېيچىڭ، ساۋ چىيۇڭ قاتارلىق ئەسلىي يۇرتى نىڭبودىن بولغان شياڭگاڭلىق كارخانىچىلار:
ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىلەر ئەجدادلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ، يۇرتۇڭلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋەتەننى سۆيۈش قەلبىڭلارنى، يۇرتقا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى چۈشەندۈردىڭلار.
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىڭلارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باۋ پېيچىڭ، ساۋ چىيۇڭ قاتارلىق ئەسلىي يۇرتى نىڭبودىن بولغان شياڭگاڭلىق كارخانىچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىلەر ئەجدادلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ، يۇرتۇڭلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋەتەننى سۆيۈش قەلبىڭلارنى، يۇرتقا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى چۈشەندۈردىڭلار.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىڭلارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىنقى زاماندىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم نىڭبولۇقلار نىڭبودىن چىقىپ، سانائەت تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سودىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەنگە رىشتە باغلىغان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىدىغان سودىگەرلەر توپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، باۋ يۈگاڭ، شاۋ يىفۇ قاتارلىق ۋەتەننى سۆيىدىغان، يۇرتنى سۆيىدىغان داڭلىق زاتلار بارلىققا كېلىپ، ۋەتەن ۋە يۇرتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، «نىڭبولۇقلار توپى» دەپ ئاتالدى. 1984 - يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ «پۈتۈن دۇنيادىكى <نىڭبولۇقلار توپى>نى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ نىڭبونى گۈللەندۈرۈش» توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم «نىڭبولۇقلار توپى»دىكى زاتلارغا كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. يېقىندا، باۋ پېيچىڭ، ساۋ چىيۇڭ قاتارلىق شياڭگاڭدىكى «نىڭبولۇقلار توپى»نىڭ ئەۋلادلىرى شى جۇشىغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلىپ، ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.