جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چېنجوۋ شەھىرىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەستىق سالدى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بىز چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كەلكۈن مەزگىلى ئۆتۈپ كەتمىسە ئىدىيەدە بوشاشماسلىقىمىز، سالماقنى كېمەيتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
يېقىنقى مەزگىلدە، خۇنەندە كۆپ قېتىم قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن رايونلاردا ئېغىر كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەردى. لى چياڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چېنجوۋ شەھىرى، زىشىڭ شەھىرىنىڭ جوۋمېنسى بازىرى يەنۋو كەنتى ۋە ياڭگۇڭتاڭ كەنتىگە كېلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنت ئاھالىلىرىنى يوقلاپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە يول، ئېتىز-ئېرىق، ئۆي قاتارلىقلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. لى چياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك قۇتقۇزۇش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تېزدىن ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، يول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، زەي چىقىرىش، لاي-لاتقىلارنى ۋە نەق مەيداننى تازىلاشنى تېزلىتىپ، قىيان، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. لى چياڭ بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارنىڭ ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
لى چياڭ جوۋمېنسى بازىرىدىكى ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئائىلىسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ ئەھۋالى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى تەپسىلىي سورىدى. لى چياڭ شۇ جاي ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدىكى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، داۋالاش مۇلازىمىتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي تۈردە ياخشى كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. ئۇ كۆپچىلىكنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇرت ماكاننى قايتا قۇرۇشقا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىق ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.
ئارقىدىن، لى چياڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدان خىزمىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. خۇنەن ئۆلكىسى، زىشىڭ شەھىرى ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دەل كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل، كەلكۈن پەللىسىدىن مۇداپىئەلىنىش، توسمىنى يار ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەي چىقىرىش بېسىمى پەسەيمىدى، بىز كۆپ لىنىيەدە جەڭ قىلىش، كۆپ ئاپەت تەڭ يۈزبېرىشتەك خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، خەۋپ-خەتەرنى تېخىمۇ ئېغىرراق ئويلاپ، تېخىمۇ ئىنچىكە تەييارلىق قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىردە ماسلىشىپ كۈچەپ، ئاپەت خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك.
ۋۇ جېڭلۇڭ ھەمراھ بولدى. خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك رايوندىكى ئاممىنى مۇددەتتىن بۇرۇن كەسكىن يۆتكەش كېرەك. چارلاپ تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي تەڭشەپ، جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم توسما، سۇ ئامبارلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ، سۇغۇرتا تۆلىمىنى تېزلىتىپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش، مۇستەھكەملەش، ئېتىزلارنى تولۇقلاپ تېرىش، ئۆزگەرتىپ تېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بالدۇر پىلانلاپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە ئېتىز-ئېرىقلاردىكى زەينى چىقىرىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەي چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.