«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

2024.08.01 15:48 مەنبە: خەلق تورى

8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2022 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتنىڭ بىر قىسمى بولغان «ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى تېزدىن دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە قۇرۇلۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئاقىللىشىشنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي نەزەرىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، قورال ـ جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش شەرت.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مىلتىقنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا مەڭگۈ بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەربىي ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەربىي كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي سىياسەت ـ تۈزۈملەرنى سىستېمىلىق سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ئارمىيەسى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولۇپ كەلدى، ئۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولىدىغان، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە!

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ