گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 31-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېسىم قانۇنى (تۈزىتىلگەن لايىھە)» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت باغچىسى قانۇنى (لايىھە)»نى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە تونۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، چوڭقۇر، جايىدا ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئورۇنداش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەم ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىش ھەم مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈمى ياخشى، ئامما ۋە كارخانىلار ھېس قىلالايدىغان بىر تۈركۈم كۆپەيمە سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇش كېرەك. نۇقتىلىق ھەل قىلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك ھەل قىلىپ، تەپەككۇر ۋە چارىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بايلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي سىياسەت-تەدبىر ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ سىگنال تارقىتىش كېرەك. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېسىم قانۇنى (تۈزىتىلگەن لايىھە)» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت باغچىسى قانۇنى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، ئىككى دەسلەپكى لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېسىمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئىلغار قائىدىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، دۆلىتىمىز كېسىمىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت باغچىسى قانۇنى تۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلەت باغچىسىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان، جەمئىيەت ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.