شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچقۇرۇن، بىرازىلىيەنىڭ سان-پاۋلو ئىشتاتىدىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيەنىڭ ۋوپاس ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 2283-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان 62 نەپەر ئادەمنىڭ جەسىتى تولۇق تېپىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 50 كىشىنىڭ جەسىتى سان-پاۋلو قانۇن مېدىتسىناسى مەركىزىگە يۆتكەلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرازىلىيە ۋوپاس ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سان-پاۋلو ئىشتاتىنىڭ ۋىنېدۇ شەھىرىدە چۈشۈپ كەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى