خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى «فېدېراتسىيە ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا تەشەببۇس» تۈرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى تومىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، تارىختا مىڭغا يېقىن يەرلىك ئاھالىنىڭ بالىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىجارەت قىلغان ياكى قوللىغان ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆلگەن.
2022-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ بىرىنچى تومىنى ئېلان قىلغان. ئىككىنچى توم بۇ دوكلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تومى بولۇپ، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ئۆلگەن بالىلار قاتارلىقلارغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئىككىنچى توم دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، 1871-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فېدېراتسىيە ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتەپ سىستېمىسى ھەمدە باشقا ئوخشاش ئاپپاراتلار ۋە ئالاقىدار ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە 23 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئاجراتقان (2023-مالىيە يىلىدىكى پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى دوللارنىڭ قىممىتى بويىچە ھېسابلىغان). ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىراجەتلەر بىلەن جايلاردا جەمئى 417 ياتاقلىق مەكتەپنى باشقۇرغان. ئاز دېگەندە 973 نەپەر يەرلىك ئاھالە پەرزەنتى ھۆكۈمەت تىجارەت قىلغان ياكى قوللىغان ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 65 ئوخشىمىغان مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا ئاز دېگەندە 74 قەبرىستانلىق بايقالغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بالىلىرى ياتاقلىق مەكتەپتە سالامەتلىكى ۋە جىنسىي خورلىنىشقا ئۇچراپ، ئېتىقادىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتكەن، ئانا تىلدا سۆزلەش سەۋەبىدىن جازالانغان. بۇ قىلمىشلار يەرلىك ئاھالىلەر مەھەللىلىرىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئازابلارنى قالدۇرغان.
2021-يىلى 5-ئايدا، كانادانىڭ بىرىتانىيە- كولۇمبىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يەرلىك ئاھالە ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ كونا ئورنىدىن 215 نامسىز بالىنىڭ جەسىتى بايقىلىپ، كانادا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى چۆچۈتتى. ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دېب خالان ئارقىدىنلا «فېدېراتسىيە ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا تەشەببۇس» تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاياتلىق زىيىنى ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان تەسىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا تارىختا بىر قاتار قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتىپى قۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئائىلىسى ۋە قەۋمىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋەتكەن، ئۇلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى خورلىغانلىقى ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى گېزىتلەردە كۆرۈلدى، مەكتەپلەرنىڭ ئەسلى ئورنىدا زور مىقتاردىكى بالىلار قەبرىستانلىقى بايقالغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى قايتا-قايتا زىلزىلىگە سالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز