7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىگۇلاس مادۇرو موروسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋېنېزۇئېلا بولىۋار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. مەن جۇڭگو - ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ۋېنېزۇئېلا دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.