خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) 7-ئاينىڭ 31-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خاماس رەھبىرى ئىسمائىل خانىيانىڭ ئىراندىكى تۇرالغۇسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ۋەقەلەرگە يۈكسەك دىققەت قىلغانلىقىنى، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھەم ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ رايون ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىن جيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۆھبەت ئارقىلىق رايون تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، غەزەدە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز