مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

2024.08.08 16:35 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋىيېنتياندا كېلىشىپ قويغىنى بويىچە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان-فرانسىسكو ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قوشۇلدى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئۈچ ئايدا ئىككى دۆلەتنىڭ دېپلوماتىيە، مالىيە-پۇل، قانۇن ئىجرا قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىش ئۆمىكى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەل ئارا ئالاقىسىمۇ كۆپەيدى. لېكىن شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، ئامېرىكا جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش، جۇڭگونى چەكلەشنى توختاتمىدى، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇچ كېلىۋاتقان خېيىم-خەتەرلەر يەنىلا جۇغلانماقتا، رىقابەتمۇ ئېشىۋاتىدۇ، يەنىلا يامانلىشىشنى توختىتىش، مۇقىملىقنى كۆزلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرماقتا، شۇڭا يۆنىلىشنى ئۈزلۈكسىز توغرىلاپ، خېيىم-خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئامېرىكا جۇڭگوغا بولغان خاتا تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك لوگىكىسى بىلەن جۇڭگوغا مۇئامىلە قىلىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا ئەمەس ھەم ئامېرىكىغا ئايلانغۇسى يوق. جۇڭگو زومىگەرلىك قىلمايدۇ، زوراۋانلىق قىلمايدۇ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن چوڭ دۆلەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم قارارى ماقۇللاندى. بىز ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىمىزنى يىغىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئامېرىكىنىڭ بۇ قاراردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگونىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، ئىلگىرى دۆلەت ئەمەس ئىدى، كەلگۈسىدە ھەم دۆلەت بولالمايدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى بىلەن سىغىشالمايدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى ھەر بىر قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاندا، بىز چوقۇم قارشى تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نىڭ بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ تىرىشىمىز.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى سەمىمىي، داۋاملىق نەسىھەت قىلىش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. ئامېرىكا قالايمىقان ئۆز ئالدىغا جازالاش ۋە ھەممىلا يەرگە قول ئۇزىتىپ قول تىقىشنى توختىتىشى كېرەك، جۇڭگو قارا چاپلاشقا، دۆڭگەپ قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، بېسىم ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلمايدۇ، قەتئىي كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنىڭ مۇھىم مەنپەئەتى ۋە يوللۇق ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

بلىنكېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پائال كۈچ چىقىرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، زەھەر چەكلەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتتتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلاپىنى ياخشى تىزگىنلەپ، خاتا چۈشىنىپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت يەنە غەزە ۋەزىيىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، بېرما مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ