خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سوڭ يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئاشكارا مۇنازىرە قىلىش يىغىنىدا، «ئىككى دۆلەت لايىھىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى، دېدى.
فۇ سوڭ مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى داۋالغۇشقا پېتىپ قالدى، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى «ئىككى دۆلەت لايىھىسى» ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەي، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مىللىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقىدا. غەزە پەلەستىننىڭ غەزەسى، پەلەستىن خەلقىنىڭ غەزەسى. غەزەنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزەش توغرىسىدىكى مۇھاكىمە پارچە-پۇرات كىرزىسنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ئەمەس بەلكى چوقۇم سىياسىي ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك، چوقۇم پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. جۇڭگو پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ۋە «پەلەستىننى پەلەستىنلىكلەر ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
فۇ سوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇش گۇناھسىز ھاياتنى قۇتقۇزۇشنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى. ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2735-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قايتا-قايتا جاكارلىدى. لېكىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەزەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىق كېڭەيمەكتە، يېقىندا ماۋاسى، نۇسەيرات قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. نۆۋەتتە غەزەنىڭ مۇھتاج بولغىنى تىنچلىق ئۈمىدى، ھەربىي ھەرىكەت تېخىمۇ كۆپ گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرمەيدۇ. جۇڭگو ئىسرائىلىيەنى غەزەدىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، غەزە خەلقىنى كوللېكتىپ جازالاشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇھىم تەسىرى بار دۆلەتلەر سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئالاقىدار تەرەپنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
فۇ سوڭ مۇنداق دېدى: ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتىنى كېڭەيتىش ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەسەيتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. غەزەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى بىر سۈنئىي ئاپەت، ئاچارچىلىق قورالغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. قۇرۇقلۇق ترانسپورت يولى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول، ھېچنېمە ئۇنىڭ رولىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ب د ت يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى غەزە خەلقىگە ئاخىرقى ھاياتلىق لىنىيەسى ياساپ بەردى، جۇڭگو ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپپاراتى ۋە خادىملارغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ، ئالاقىدار ۋەقەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەلتۆكۈس سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگو ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، غەزەنى قامال قىلىشنى بىكار قىلىش ھەمدە بارلىق قۇرۇقلۇق يولىدىن ئۆتۈش نۇقتىلىرىنى ئېچىۋېتىشنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تېز، بىخەتەر، كەڭ كۆلەمدە غەزەگە كىرىشىگە ۋە غەزە چېگراسى ئىچىدىكى بىخەتەر، تەرتىپلىك تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا، ب د ت قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
فۇ سوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە غەزە توقۇنۇشىنىڭ سىرتقا يامراش تەسىرى تېز سۈرئەتتە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى خەۋپ ئىچىدە قالدى، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. جۇڭگو بارلىق تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان ھەرىكەت قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنى يۇتۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر مەيدان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە غەزەدىكى ئۇرۇش ئوتىنى بالدۇرراق بېسىقتۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەسەيتىش، «ئىككى دۆلەت لايىھىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز