مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ۋيېتنامنىڭ نەنخەينىڭ سىرتقى قۇرۇقلۇق ئۇلىنى ئايرىش دېلوسىنى ئۆز ئالدىغا سۇنۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

2024.07.26 17:18 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋيېتنامنىڭ ب د ت قۇرۇقلۇق ئۇلى چېگراسى كومىتېتىغا نەنخەينىڭ سىرتقى قۇرۇقلۇق ئۇلىنى ئايرىش دېلوسىنى ئۆز ئالدىغا تاپشۇرغانلىقى توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن يېقىندا بۇ ھەرىكەت جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، «ب د ت نىزامى»، «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، ۋيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋيېتنام 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ب د ت قۇرۇقلۇق ئۇلى چېگرا كومىتېتىغا نەنخەينىڭ سىرتقى قۇرۇقلۇق ئۇلى چېگراسىنى ئايرىش دېلوسىنى تاپشۇرغان. شۇ كۈنى ۋيېتنام يەنە ب د ت غا دېپلوماتىك نوتىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى سۇنۇپ، فىلىپپىننىڭ 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تاپشۇرغان نەنخەينىڭ سىرتقى قۇرۇقلۇق ئۇلىنى ئايرىش دېلوسىغا جاۋاپ قايتۇردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ دېدى.

«ۋيېتنام ئۆز ئالدىغا قۇرۇقلۇق ئۇلى چېگرا كومىتېتىغا نەنخەينىڭ سىرتقى قۇرۇقلۇق ئۇلىنىڭ چېگراسىنى ئايرىش دېلوسىنى تاپشۇردى، ۋيېتنامنىڭ ئالاقىدار تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى قىسمەن رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، «ب د ت نىزامى»، «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو-ۋيېتنام ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان «جۇڭگو-ۋيېتنام دېڭىز ئۈستى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپ كېلىشىمى» ۋە جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىمزالىغان «نەنخەيدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»غا خىلاپ. لىن جيەن مۇنداق دىدى: «جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ۋيېتنامغا كەسكىن سۆزلىشىپ ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى».

لىن جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇرۇقلۇق ئۇلى چېگرا كومىتېتىنىڭ «تالاش-تارتىش بولسا، قاراپ چىقماسلىق»تەك ئالاقىدار قائىدىلىرىگە ئاساسەن، كومىتېت ۋيېتنام بىلەن فىلىپپىننىڭ مۇناسىۋەتلىك چېگرا ئايرىش لايىھەلىرىنى قاراپ چىقمايدۇ، بېكىتمەيدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، پەقەت ئىختىلاپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدىغان بولۇپ، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز. جۇڭگو سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن نەنخەيگە ئالاقىدار تالاش-تارتىش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ