مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2024.06.18 14:09 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلانغان: لى پېڭشىن غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ئالدىغا كۈچ توپلاپ، «يەتتە بولۇش» بىلەن ھەپىلەشكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەتكە قاتناشقان ۋە شوپۇر مۇلازىمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان؛ تەشكىلگە سەمىمىي-سادىق بولماي، تەشكىل خەت-ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىلەرنى ئەينەن چۈشەندۈرمەي، تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، مەنسەپ سېتىپ، يەرلىكنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇش تۆۋەن چېكىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئۇزاق مۇددەت بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل قوبۇل قىلغان؛ چىرىكلەشكەن؛ ئاچكۆزلۈك قىلىپ، مەمۇرىيەت بىلەن سودىنى بىرىكتۈرۈپ، يېڭىچە چىرىكلىك بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، كارخانا تىجارىتى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا بەرگەن ھەمدە پاي ھوقۇقى، پاي قاتارلىق نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

لى پېڭشىن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەم پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋېزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، لى پېڭشىنغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق مال-مۈلۈك بىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ