مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

​يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2024.06.13 09:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2024 - يىلى7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە پائال ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئىش تۈرى ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ مېخانىزمى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇشتا، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ مۇلازىمەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 75 ماددا بولۇپ، ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسلىق قانۇن - نىزام ئاساسى. «نىزام»دا ئارمىيە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە مەۋقەنى ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، سىياسىي خۇسۇسىيەت ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، مەسىلە يۆنىلىشى، تەكشۈرۈش - ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ۋەزىپە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىككە ئالاقىدار ئىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، پىلان تۈزۈشتىن نەتىجىلەرنى تەتبىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك لىنىيە تەرتىپىنىڭ تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقا نازارەتچىلىك تارماقلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ ئۇقتۇرۇش قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈم - مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ قاتتىق بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش ئىنتىزام تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئورنىتىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ئەمەلىيەتچىل، پاك - دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىقتىسادىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ