مەدەنىيەت كۈچىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك
يېقىندا مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى جياڭ تيېخۇڭنىڭ رېپېتىتس ئۆيىدە «بېنتېڭ» دېگەن ئۇسسۇلدا باش ئۇسسۇلچى بولغان قىسقا سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقالدى. شۇ كۈنى جياڭ تيېخۇڭ پەقەت ئادەتتىكىدەك كىيىنىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ موڭغۇلچە ئۇسسۇلنى ئەركىن-ئازادە، جەلپكار ئوينىغاچقا، تورداشلار ئۇنىڭغا «يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدىن سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى چىقىپ تۇرىدۇ» دەپ باھا بەردى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ كىلاسسىك ئۇسسۇلنىڭ 5-ئەۋلاد باش ئۇسسۇلچىسى بولغان جياڭ تيېخۇڭ موڭغۇل ئەمەس، بەلكى چاۋشيەنزۇ بولۇپ، بۇ ئۇسسۇلنى ئىجاد قىلغان پىروفېسسور ما يۆ خۇيزۇ ئىدى. كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى بىرلىشىپ، سەنئەتتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇزاققىچە ئاجىزلاشمايدىغان سېھرىي كۈچ نامايان قىلىندى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە . باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن بىرلا خىل مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلمەيدۇ، بەلكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ بىرىكىشىدىن ئورتاق مەدەنىيەتكە ئايلىنىدۇ». ھەر مىللەت مەدەنىيىتى تەڭ جۇلالىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت ئىشەنچىمىز ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
«مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش.» جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردىن بۇيان، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىيەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىشتىن ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مىللىي مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاندىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقىچە... ئەمەلىي تەدبىر، ئۈنۈملۈك ھەرىكەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت شاخ-يىلتىزى چوڭقۇر، غولى كۈچلۈك بولغاندىلا يوپۇرماقلار باراقسان بولىدۇ؛ يوپۇرماقلار بۈك-باراقسان بولسا، ئاساسىي غولنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. يېقىندا قازاقلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى دۆلەت ئىچىدە داڭق چىقاردى، شۇنداقلا چەت ئەللەردە ئالقىشقا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى. «مىللەتنىڭ دېمەك، دۇنيانىڭ دېمەكتۇر». مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغچىسىدا پورەكلەپ ئېچىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ جۇلالىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تېخىمۇ مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى.
مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراب قىلىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىزمەتنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى تېپىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كۆپ مىللەت ئامما ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە بەرپا قىلىش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى». يۈننەن كۈنمىڭنىڭ شېڭگاۋ شەھەر مەھەللىسىدە خەنزۇ، خۇيزۇ، يىزۇ، بەيزۇ قاتارلىق 20 نەچچە مىللەت ئاھالىسى بىرگە ياشايدۇ، ھەر يىلى قوشنىلار 100 ئائىلە زىياپىتى، مەشئەل بايرىمى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەھەللە دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك فىزىكىلىق بوشلۇق، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق. شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، ھازىر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيەت تەسىراتىنىڭ كۆپىنچىسى تور بوشلۇقىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. بۇ بىزگە ئالاقە تورىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توردىكى مەۋھۇم بوشلۇقنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەڭ زور ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەدەنىيەت كۈچىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى سىزىپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىغا تۈرتكە بولالايمىز.