مۇھىم خەۋەرلەر

رۇسىيە: زۆرۈر تەدبىر قوللىنىمىز!

2024.04.24 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف شۇ يەر ۋاقتى 22-ئاپرېل پولشا زۇڭتۇڭى دۇدانىڭ پولشا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يادرو قورالىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدى دېگەن سۆزىگە قارىتا، ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يادرو قورالى پولشا چېگراسى ئىچىدە پەيدا بولسا، رۇسىيە ئارمىيەسى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ ۋە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا شۇ كۈنى پولشا رەھبەرلىرىنىڭ سۆزى بىر خىل ئىغىۋاگەرچىلىك دېدى. ئەگەر پولشا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى ئوكيان تەشكىلاتىنىڭ يادرو قورالىنى قوبۇل قىلسا، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش ئىشتابى دەرھال ھەربىي پىلان جەھەتتە بۇ مەسىلىنى ئويلىشىدۇ. ئەگەر رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە، بۇ يادرو قوراللىرى رۇسىيەنىڭ زەربە بېرىش نىشانى تىزىملىكىگە كىرىدۇ.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە پولشا ئاخبارات ۋاستىسى Fakt زۇڭتۇڭ دۇدانى زىيارەت قىلدى. دۇدا ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى پولشا زېمىنىدا يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يادرودىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ بىر قىسىمى قىلىشنى قارار قىلسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قانىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پولشا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولىدۇ، دېدى. دۇدا يەنە پولشا ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ جەھەتتە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، پولشا پەقەت بىر تۈرلۈك ئورتاق سىياسەتنى ئىجرا قىلىدۇ، دېدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ