مۇھىم خەۋەرلەر

تايلاند بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2024.04.24 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بانبى باڭكوكتا زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇرات نۇرتىلېۋ بىلەن كۆرۈشتى، ئارقىدىن ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

  بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى كۈچكە ئىگە پاسپورتنى ئېلىپ، ئىشتىن بۇرۇن ۋىزا ئىلتىماس قىلمايلا قارشى تەرەپنىڭ دۆلىتىگە چېگرادىن كىرەلەيدۇ، تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈندىن ئاشمايدۇ، 180 كۈن ئىچىدە جەمئىي 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ كېلىشىم ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە.

  بۇ كېلىشىم ئىككى تەرەپنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بارلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئامما قاتلىمىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. تايلاند ھۆكۈمىتى بۇنى تايلاندنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىنى قوزغىتىدىغان مۇھىم تەدبىرى قىلدى، بۇ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ھەم باشقا ساھەلەردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ