مۇھىم خەۋەرلەر

تەتقىقات: «ئىسسىق دولقۇن بىلەن ئېكسترېمۇم دېڭىز يۈزى تەڭ كۆتۈرۈلۈش» ۋەقەسى دېڭىز بويى رايونلىرىغا بولغان تەھدىتنى ئاشۇرىدۇ

2024.04.16 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  «تەبىئەت» ژۇرنىلى قارىمىقىدىكى «يەر شارى ۋە مۇھىت خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: 1998-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، ئوخشاش بىر دېڭىز بويى رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىسسىق دولقۇن ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك چېكىدىن ئاشقان ئۆرلەش ئەھۋالى ئىلگىرىكى 20 يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  «ئىسسىق دولقۇن بىلەن ئېكسترېمۇم دېڭىز يۈزى تەڭ كۆتۈرۈلۈش» ھادىسىسى دېگىنىمىز ئوخشاش بىر مەزگىلدىكى ئىسسىق دولقۇن بىلەن قىسقا مەزگىللىك ئېكسترېمۇم دېڭىز يۈزى تەڭ كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئوخشاش بىر دېڭىز بويى رايونىدا يۈز بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە بۇ دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يۈز بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەتقىقات يەنىلا ناھايىتى ئاز.

  شياڭگاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەتقىقات ئارقىلىق، دۇنيادىكى تەخمىنەن %88 دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىدە 1979-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم «ئىسسىق دولقۇن بىلەن ئېكسترېمۇم دېڭىز يۈزى تەڭ كۆتۈرۈلۈش» ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدى. 1979-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە سېلىشتۇرۇشتا، 1998-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە تەخمىنەن %39 دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى بىر يىل ئىچىدە بۇ ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەن ئومۇمىي ۋاقتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن، ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ئېشىش نىسبىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: «ئىسسىق دولقۇن بىلەن ئېكسترېمۇم دېڭىز يۈزى تەڭ كۆتۈرۈلۈش» ۋەقەسى دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۈنۈملۈك خەۋپ-خەتەرنى پەسەيتىش تەدبىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ