مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى تەتقىقاتتا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن پۇرىقىنىڭ بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭكىدەك خۇشبۇي بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بايقالدى

2024.04.15 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  2018-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن «بوۋاقلار دۇنياسى» بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە، بىر ساغلاملىق-گۈزەللىك ترېنېرى ئانىلارنى باشلاپ گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئوينىماقتا.

  نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلاردىن چىققان بەدەن پۇرىقى خۇشبۇي كېلىدۇ؟ يەنە بەزى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنى بەدبۇي بولىدۇ؟ گېرمانىيەدىكى بىر پەن تەتقىقات كوللېكتىپى بوۋاقلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن پۇرىقىدا روشەن ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېچىپ بەردى.

  گېرمانىيە ئېرلانگېن-نيۇرنبېرگ داشۆسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئەنگلىيە «خىمىيە خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، 18 نەپەر بوۋاق ( 0 ياشتىن 3 ياشقىچە) ۋە 18 نەپەر ياش-ئۆسمۈرنىڭ (14 ياشتىن 18 ياشقىچە) قولتۇقىدىكى تەر ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىپ، بەدەن پۇرىقىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبىنىڭ جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل ساپ بەدەن پۇرىقى تارقىلىدىكەن، ئەمما ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قولتۇقىدا يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى كاربوكسىل كىسلاتاسى بار ئىكەن، بۇ خىل ئورگانىك بىرىكمە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان بەزى پۇراقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، مەسىلەن، قويۇق پىشلاق، تەبىئىي ئىپار قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن پۇرىقىدا بوۋاقلارنىڭ تەرلىرىدە مەۋجۇت بولمىغان لاي پۇرىقىغا ئىگە ئىككى خىل ستېروئىدمۇ بار ئىكەن·

  تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن پۇرىقىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تېرە ياغ بېزى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە ئەگىشىپ جانلىنىپ، تېرە ياغ بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان كۆپ مىقداردىكى تېرە يېغى باكتېرىيەلەر تەرىپىدىن پارچىلىنىپ سېسىق پۇراقلىق بىرىكمىلەرگە ئايلىنىدىكەن. بوۋاقلارنىڭ تېرىسىدىكى ماي مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، سېسىق پۇراق بىرىكمىلىرى يۇقىرى قويۇقلۇقتا شەكىللەنمەيدۇ، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىن ئادەمگە ياقىدىغان خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ