مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: بايدېن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2024.04.15 14:14 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ شۇ جاي ۋاقتى 13ـ چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1-ئاپرېل، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل تارمىقى بىناسىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئاز دېگەندە 13 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامەنەيى ئىسرائىلىيەنى جازالايدىغانغا ۋەدە قىلغان. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى شۇ جاي ۋاقتى 14 - ئاپرېل سەھەردە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى نىشان قىلغان نەچچە ئون باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

  ئارقىدىن بايدېن بىلەن نېتانياخۇ تېلېفوندا سۆزلەشكەن. ئامېرىكا ئاق ساراي تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بايدېن ئىراننىڭ ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بەرگەن بىخەتەرلىك ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ