مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە غەزە رايونىنىڭ جەنۇبىدىن يەر يۈزى قىسىملىرىنى چېكىندۈردى

2024.04.08 23:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەزە رايونىنىڭ جەنۇبىدىن بارلىق يەر يۈزى قىسىملىرىنى چېكىندۈرگەن، ھازىر غەزە رايونىدا پەقەت بىر لۈي قالدۇرۇلغان.

  ئىسرائىلىيە «يېڭى ئۇچۇر گېزىتى»نىڭ شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئايدا ئاساسلىقى خانيۇنۇس رايونىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 98-شىسى غەزەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىققان، بۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەزە رايونىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنىڭ يەنىمۇ ئازايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يەنە «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەزە رايونىدا پەقەت «ناخال» لۈيسى قالغان بولۇپ، نېتزارىم كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان. بۇ كارىدور غەزە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەزە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، غەزە ئاھالىلىرىنىڭ شىمالىي قىسىمغا قايتىشىنى ئۈزۈۋېتەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەزەنىڭ شىمالىي قىسمىغا توشۇلۇشىدىكى ئۆتەر يول.

  بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىگە ئاز دېگەندە 5000 تال راكېتا بومبىسى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئارقىدىن «ئۇرۇش ھالىتى»گە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەزە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشنى باشلىدى. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەزە رايونىغا يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى.

  پەلەستىن غەزە رايونى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى 33 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 55 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە 300 مىڭ نەپەر زاپاس ئەسكەر قبۇل قىلغانلىقىنى، غەزە رايونىدا جەمئىي 12 مىڭ نەپەر پەلەستىن قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، جەمئىي 604 نەپەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ توقۇنۇشتا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ