مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋان بېرىلگەن كوماندىرلارنى تەبرىكلىدى

2024.03.29 10:13 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 28-مارت بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن كوماندىرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 28-مارت بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن كوماندىرلار: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ رېنخۇا، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىنىڭ مۇدىرى شياۋ تيەنلياڭ.

  شاڭجياڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن ئىككى كوماندىر كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق پاگونى تاقىغان ئىككى كوماندېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، ئارقىدىن مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن كوماندىرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ