مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ۋېنبىن تېررورچىلار چوقۇم تېگىشلىك بەدەل تۆلەيدۇ، دېدى

2024.04.08 23:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچى ئىشخانىسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا پاكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سوئال سوراپ، تۈنۈگۈن پاكىستان زۇڭلىسى شاباز شېرىف داسۇ سۇ ئېلېكتېر ئىستانسىسى تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە جۇڭگو تەرەپ خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى. ئۇ پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۈچىنى ئايىماي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەمدە 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، تۈرلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل پاكىستان تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. بىز پاكىستان تەرەپنىڭ ئەڭ زور ئىرادە، ئەڭ زور سالماق بىلەن قاتىللار ۋە پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىنى قاتتىق جازالىشىنى، پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق خادىملار، تۈرلەر ۋە ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ دىلونى بېجىرىشىنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ، تېررورچىلار چوقۇم تېگىشلىك بەدەل تۆلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ