مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى: ئامېرىكىنىڭ غەزەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ

2024.04.08 23:44 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ غەزەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىدىن گۇمانلاندى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 2728-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، رامىزان مەزگىلىدە غەزەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزاسى شۇ كۈندىكى بېلەت تاشلاشتا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەردى، ئامېرىكا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ماھىيەتلىك ھەرىكەت قوللىنىشىغا كۆپ قېتىم توسقۇنلۇق قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى يالغۇز ئىنكار قىلماسلىق قارارىنى چىقاردى، بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر قەدەم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتى ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر قاتار سۆز-ھەرىكەتلىرى تەرىپىدىن يوققا چىقىرىلدى. بۇ كىشىنى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئارزۇسى ۋە سەمىمىيىتىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى، جۈملىدىن 2728-نومۇرلۇق قارارى چەكلەش كۈچىگە ئىگە، بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر بىر دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرگەندە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ، بۇ ئاساسىي نىزامدىكى مەجبۇرىيەت، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ئىسرائىلىيەنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، غەزە رايونىغا قارىتىلغان ھەربىي ھۇجۇمنى توختىتىشقا، غەزە پۇقرالىرىنى كوللېكتىپ جازالاشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى ئىجابىي رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىسرائىلىيەگە ئىجادىي تەسىر كۆرسىتىپ، بارلىق ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قارارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قوللاشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ ئۇزاققىچە ھەل بولماسلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئەمەلىيلەشمىدى، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، قايتىپ كېلىش ھوقۇقى ئۇزاق مۇددەت ئېتىبارسىز قارالدى. بۇ نۆۋەتلىك غەزە توقۇنۇشى بىزگە پەلەستىننىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىشغال قىلىنغانلىقىغا داۋاملىق سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىدىن داۋاملىق ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون دىپلوماتىيەسىنىڭ تىرىشچانلىقىنى زورايتىپ، ئىشەنچلىك كۆپ تەرەپلىك مۇساپىنى قايتا يارىتىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنى قايتا گۈللەندۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا سۈلھى يىغىنى ئېچىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىننىڭ ب د ت غا تېزدىن رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېقىندا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ