مۇھىم خەۋەرلەر

گېڭ شۇاڭ جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىق تارىخىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، دېدى

2024.04.08 23:41 مەنبە: خەلق تورى

  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە تەلەپ قىلغان «ش ئا ئە ت يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى» ئاشكارا يىغىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە تەرتىپ خاراكتېرلىك ئاۋاز بەردى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ ئاۋاز بەرگەندىن كېيىن سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇگوسلاۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىق تارىخىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: 25 يىل ئىلگىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا، ب د ت دىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيىتىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، بالقان رايونىدا بىر مەيدان قانۇنسىز ئۇرۇش قوزغىدى. بۇ ئۇرۇش ئۆتۈپ كەتكىلى 25 يىل بولدى، لېكىن ئۇرۇشنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىگىنى يوق، ئېلىپ كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ساۋاقلار يەنىلا چوڭقۇر. بۇ سەۋەبلىك، جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «ش ئا ئە ت نىڭ يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىپ، بۇ مۇھىم تارىخىي ۋەقەنى خۇلاسىلىشى ۋە ئويلىنىشىنى قوللايدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بەزى ئەزالار بۇنىڭدىن گۇمانلاندى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە بۇ ھەقتە ئاۋاز بەردى. جۇڭگو ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدىن ئۈمىدسىزلەندى.

  ئۇ مۇنۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى: 25 يىل ئىلگىرى ش ئا ئە ت يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلغان مەزگىلدە، جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان بىر ئازابلىق كۈن بار. 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى نۇرغۇن ئىنچىكە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلىپ، ئۈچ جۇڭگولۇق مۇخبىرنىڭ ئۆلۈشىنى، 20 نەچچە جۇڭگولۇق دىپلوماتىيە خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشخانا-تۇرالغۇلىرى ۋەيران بولدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋەھشىيلەرچە تاجاۋۇز قىلغانلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلغانلىق. جۇڭگو خەلقى ئۆچمەنلىكنى تەرغىپ قىلمايدۇ، لېكىن تارىخنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇڭگو خەلقى زوراۋانلىق ئارقىلىق زوراۋانلىقنى توسۇشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، لېكىن بۇنداق تارىخىي پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى» ئاشكارا يىغىنى ئۆتكۈزدى. فرانسىيە بۇ قارالمىغا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇشۇ سەۋەبتىن تەرتىپ خاراكتېرلىك ئاۋاز بەردى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكتىن، يىغىن ماھىيەتلىك قارالمىغا كىرەلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ