مۇھىم خەۋەرلەر

لىن جيەن: جۇڭگو ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگو تور ھۇجۇمى قىلدى» دەپ جار سېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

2024.04.08 23:41 مەنبە: خەلق تورى

  «دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچى ئىشخانىسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاككېرلار تەشكىلاتى «APT31» نى ئۆزلىرىگە يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئەرز قىلىپ جازالىغان، بۇ تەشكىلاتنى ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك ئاپپاراتى ۋە سايلام سىستېمىسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى دېگەن، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان، يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاككېرلار تەشكىلاتى «APT40»نى ئۆزىنىڭ پارلامېنت سىستېمىسىغا تور ھۇجۇمى قوزغىدى، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

  لىن جيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر خىل شەكىلدىكى تور ھۇجۇمىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە زەربە بېرىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ئەنگلىيە تاپشۇرغان ئاتالمىش «APT31» خاككېرلار تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەنگلىيە تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئالاقىدار يەكۈننىڭ كەسىپچانلىقى كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەنىدى. لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئەنگلىيە بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاخبارات تەشكىلاتى «بەش كۆز ئىتتىپاقى»نى «جۇڭگو خاككېرلىرى» تەھدىتى ھەققىدىكى ھەرخىل ساختا ئۇچۇرلارنى توقۇپ ۋە تارقىتىشقا قۇتراتتى، ھازىر يەنە ئەنگىلىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاتالمىش «جۇڭگو تور ھۇجۇمى قىلدى» دەپ جار سالدى، ھەتتا جۇڭگوغا ئاساسسىز يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرگە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تور بىخەتەرلىكى ئاپپاراتلىرى ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل گاس-گاچا قىياپەتكە كىرىۋالغان. بىز ئامېرىكىنى تور بوشلۇقىدا مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇشقا، «ئوغرى ئوغرىنى تۇت» دەپ توۋلىماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ