مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ۋېنبىن: جۇڭگو ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى رايونلارغا بېرىپ پائالىيەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

2024.03.14 22:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچى ئىشخانىسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئاتالمىش «ئارۇناچال ئىشتاتى»غا بېرىپ، سېلا تونېلى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تونېل داۋاڭ رايونىنى پۈتۈن كۈنلۈك قاتناش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەپ، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش سەۋىيەسىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ دېدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىزاڭ رايونى جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ قانۇنسىز تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ئارۇناچال ئىشتاتى»نى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىدى، ھىندىستاننىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي شىزاڭ رايونىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىش ھوقۇقى يوق. ھىندىستان تەرەپنىڭ ئالاقىدار ھەرىكىتى چېگرا مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايون ۋەزىيىتىگە سەلبىي كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى رايونلارغا بېرىپ پائالىيەت قىلىشىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھىندىستان تەرەپكە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ