خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھېكايىسىنى بىرلىكتە يېزىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر سوئال سوراپ يېقىندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى سان-فرانسىسكو شەھىرىنىڭ باشلىقى برىد ھەر ساھە زاتلىرىنى باشلاپ بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭغا ئاشكارا خەت ئەۋەتىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكا دوستانە تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا دىققەتنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەل ئىچى ئاساسىغا مەركەزلەشتۈردى، سان-فرانسىسكو ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنى ئۆزگىچە مۇھىم مەۋقە بىلەن تەمىنلىدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۈشۈكئېيىقنىڭ سان-فرانسىسكو ھايۋانات باغچىسىغا كېلىشىگە ياخشى تەييارلىق قىلىشنى خالايدۇ، دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر 11-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ سان-فرانسىسكودا زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا دوستانە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، «سان-فرانسىسكو ئارزۇسى»نى ئېچىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
«رەئىس شى جىنپىڭ <جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە> دەپ كۆرسەتتى، بىز ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھېكايىسىنى داۋاملىق يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىمىز» دېدى ۋاڭ ۋېنبىن.
ئۇ يەنە «مۈشۈكئېيىق جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى. بىز ئامېرىكا بىلەن مۈشۈكئېيىقنى قوغداش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز» دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
![](/mediafile/201904/15/F201904151632137296700953.jpg)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ