مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى: پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىنى قوللايمىز

2024.03.11 23:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىككى يىغىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ مەيدان تەشەببۇسىنى شەرھلىدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا 100 مىڭ پۇقرا تالاپەتكە ئۇچرىدى، يەنە نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما خىش-كېسەك پارچىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالدى. ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك پەرقى يوق، ئىرق، دىن بويىچە ئايرىشقا بولمايدۇ. 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمىدى، بۇ ئىنسانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ نومۇسى. ھەر قانداق سەۋەب توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى ئاقلىيالمايدۇ، ھەر قانداق باھانە پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئاقلىيالمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان مەنىۋى مەسئۇلىيەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. غەزە خەلقى بۇ دۇنيادا ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە، ئاياللار ۋە بالىلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى كېرەك. تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلىشى، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلار چەكلىنىشى كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: غەزەدىكى بۇ بالايىئاپەت كىشىلەرگە پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئۇزاققىچە ئىشغال قىلىنغانلىقىغا ئەمدى سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، پەلەستىن خەلقى ئۇچرىغان تارىخىي ئادالەتسىزلىكنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇزاققىچە تۈزىتىلمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. پەلەستىن خەلقىگە ئادالەتنى ياقلاپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلغىلى، تۈرلۈك ئەسەبىي ئىدىيەۋى ئېقىملارنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى تۈپتىن تۈگەتكىلى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىشقا باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىدۇ. بىز پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولۇشىنى قوللايمىز، ئايرىم خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن توسالغۇ پەيدا قىلماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بىز تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە خەلقئارا سۈلھى يىغىنى ئېچىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بىز پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدا پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشىنى، ئەرەب ۋە يەھۇدىي ئىككى مىللەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، ھەققانىيەتنى ياقلاش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ