سەي چى مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى

2024.03.07 15:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. سەي چى ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىچكى-تاشقى قىيىنچىلىقلارنى قەتئىيلىك بىلەن يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىدى. سەي چى كۆپچىلىكنىڭ «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىمىيەت ۋە تەنتەربىيە ئالاقىسىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ